母亲,你不在

母亲,你不在

艾尔肯-Erkin Abdulla

專輯:博客

歌曲:母亲,你不在

专辑:博客

歌手: 艾尔肯-Erkin Abdulla

歌詞

母亲,你不在 - 艾尔肯-Erkin Abdulla
چىنەڭگە ئەي ئانا زەم - زەم
قۇيۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق
يېتەي ئەجرىڭ ئۈچۈن پاقلان
سويۇپ بېېرەي دېسەم سەن يوق
تۇتۇپ چىقماقنى ئويلايمەن
ئۇچاڭنى تۈن بويى ئەمدى
بېشىڭغا قوش تەكى ياستۇق
قويۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق
ساڭا قانماي تۇرۇپ قەلبىم
ھاياتلار قەلبىدىن كەتتىڭ
مېنى ئۇرساڭمۇ مەيلىتى
تۇرۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق
چۈشۈمدە ئۇسسۇلۇق دەپسەن
ئانا دەپ ئويغۇنۇپ كەتتىم
لېكىن پىيالىدە شەربەت
سۇنۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق
ئەللەي ناخشىسى
ئەللەي دېسەم دىلىمدىن
ئەللەي بالام ئەللەي
بال تامىدۇ تىلىمدىن
ئەللەي بالام ئەللەي
گۈزەللىگىڭ تولۇن ئاي
ئەللەي بالام ئەللەي
ئايرىلمايمەن يېنىڭدىن
ئەللەي بالام ئەللەي
سېنىڭ ئەجرىڭدە ئەر بولدۇم
ئىگىز شاخلارغا قول سۇنغان
بىراق شاختىن ئانار ئالما
ئۈزۈپ بېرەي دېسەم سەن يوق
سېنىڭ بارىڭنى قەدرىڭنى
ھەجەپ بىلمەپتىمەن ئەمدى
ساڭا كۆيگەن بۇ باغرىمنى
يېرىپ بېرەي دېسەم سەن يوق
ئەي ئانام
ئەي ئانام
ئەي ئانام
ئەي ئانام
ئەي ئانام
شەربەت سۇنۇپ
بېرەي دېسەم سەن يوق
Musicses在線音樂流媒體平臺

登录您的音乐世界

随时随地,畅听无限好歌

或使用社交账号登录

还没有账户? 立即注册

Musicses在线音乐流媒体平台

创建您的音乐账户

加入我们,开启你的专属音乐之旅

或使用社交账号注册

已经有账户了? 前往登录

Musicses
0:00
/
0:00